خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى) دۆلەت بايرىمىدا چەرچەن ناھىيەسى قوراملىق يېزىسى قوراملىق كەنتىدە يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشىدە تاغقا چىقىش ۋە چىغ ئارىسىغا يۇشۇرۇپ قويغان تۇخۇمنى تېپىش، ئۆزگىچە مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە 100دىن ئارتۇق ماھىر دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2900 مېتىر كېلىدىغان ئوتتۇرا قارا قۇرۇم تېغىغا چىقتى. تاغقا چىقىشتا سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ماھىر بىر تۇياق قوي بىلەن، ئىككىنچى بولغان ماھىر بىر تۇياق ئوغلاق بىلەن، ئۈچىنچى بولغان ماھىر بىر يەرلىك توخۇ بىلەن تارتۇقلاندى. بۇ پائالىيەتنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى يېمەك-ئېچمەك مەدەنىيىتى بولۇپ، چارۋىچى ئاممىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىتتا شەكىللەندۈرگەن ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى