باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپنىڭ ئاياللارغا بەتقىلىقلىق قىلغان سىن كۆرۈنۈشى ئاشكارىلاندى

2016.10.09 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى 7- ئۆكتەبىر بىر سىن كۆرۈنۈشىنى ئاشكارىلىدى، سىندا كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زوڭتوڭ نامزاتى دونالد ترامپ ئىلگىرى ئاياللارغا قارىتا «خالىغىنىمنى قىلالايمەن» دەپ پو ئاتقان، قوپال ھەم ئاپئاشكارا ھالدا ئېنىق كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان سۆزلەرنى ئىشلەتكەن.

  بۇ سىن كۆرۈنۈشى زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، دېموكراتلار پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى زاتلار تۇشمۇ-تۇشتىن ترامپنى ئەيىپلىگەن. شۇ كۈنى ترامپ ناماقۇللۇق بىلدۈردى. ترامپنىڭ ناماقۇل بولۇشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال.

  ئامېرىكا «ۋاشىڭگتون پوچتا گېزىتى» 7- ئۆكتەبىر 2005- يىلى 9- ئايدا تارتىلغان بۇ سىننى ئاشكارىلىدى. شۇ ۋاقىتتا ترامپ بىر ئاپتوبۇستا بولۇپ، پروگراممىنى رەسمىي سۈرەتكە ئېلىشتىن ئاۋال، «ھوللىۋۇدقا كىرىش» سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى بىل بۇش بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئىكەن.

  ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مىنۇت كېلىدىغان بۇ سىن كۆرۈنۈشىدە، ترامپ بۇشقا ئۆزىنىڭ ئاياللارغا قول سالالايدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ، «مەن دېگەن داڭلىق شەخس، ئۇلار مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمغا رۇخسەت قىلىدۇ»، دېگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر