خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاينىڭ 6- كۈنى، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ماھىرى جاڭ لىنپېڭ (ئالدىدا) بىلىن سۇرىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى جەنىيات مۇسابىقىدە توپ تالاشماقتا.
6- ئۆكتەبىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن 2018- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاسىيا رايونىدىكى دەسلەپكى تاللاش مۇسابىقىسى بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچى (12 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسى)نىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىدىكى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، شىئەندىكى ئۆز مەيدانىدا مۇسابىقىگە چۈشكەن جۇڭگو دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى بىرگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن سۇرىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قېلىپ، ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئاران بىر نومۇرغا ئېرىشىپ، تاللىنىپ چىقىش ئۈمىدى خەتەر ئىچىدە قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى