- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شاڭخەيدە يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ «بەش كىنىشكىسىنى بىرلەشتۈرۈش»تىكى «تۇنجى كېنىشكە» تارقىتىلدى
يەككە تىجارەتچىلەرنىڭمۇ «ئىناۋەت كودى» بار بولدى
2016.10.09 15:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ «ئىككى كىنىشكىسىنى بىرلەشتۈرۈش» سىناق نۇقتىسىنىڭ بىرى بولغان شاڭخەيدە سودا-سانائەت تارماقلىرى 8- ئۆكتەبىر يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ «بەش كىنىشكىسىنى بىرلەشتۈرۈش»تىكى «تۇنجى كىنىشكە»نى تارقاتتى، ھەمدە ئۇنىڭغا كارخانىلار بىلەن بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى قوشۇلدى. كەلگۈسىدە، يەككە تىجارەتچىلەر تەبىئىي (ئادەتتىكى) ئادەم بولۇشتىن باشقا، يەنە كۈندىلىك تىجارەت پائالىيىتىدە كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىگە ئوخشايدىغان «سالاھىيەت»نى ئىشلىتىش كېرەك بولغاندا، بۇ كودنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كارخانىلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
«ئىككى كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» بىلەن بىر ۋاقىتتا، شاڭخەيدە يەنە يەككە تىجارەتچىلەرنى «بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» بويىچە ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەش دائىرىسىگە كىرگۈزدى، يەككە تىجارەتچىلەر خىزمەتچى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، تىجارەت كىنىشكىسى ئارقىلىقلا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىجىرىش ئورگانلىرىغا سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشتىكى تىزىملاش رەسمىيىتىنى بىجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئارا كارخانا تىزىملىتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە سىتاتېستىكا قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ھەمبەھىرلەش-ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئارقا سۇپىدا تاماملاپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىش بىجىرىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ. مەسىلەن ئىجتىمائىي كاپالەتكە تىزىملىتىشتا، «بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»تىن كېيىن، بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ سودا-سانائەت تىزىملاش ئۇچۇرلىرىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئىجتىمائىي كاپالەت بىجىرىش ئورگانلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، سودا-سانائەت (بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش) تارماقلىرى ئۆزگەرگەن ئۇچۇرلارنى ئىجتىمائىي كاپالەت بىجىرىش ئورگانلىرىغا ھەمبەھىرلەپ بېرىدۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىجىرىش ئورگانلىرى ماس قەدەمدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، «سانلىق مەلۇماتلارنى توردا چاپتۇرۇش» ئارقىلىق «كارخانىلارنىڭ يولنى ئاز مېڭىشى»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر