باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

باش نىشان ئارقىلىق كېلەر يىللىق كېڭىشىش پىلانى تۈزۈشكە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

2016.10.09 15:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 8 - ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، 2017 - يىللىق كېڭىشىش پىلانى قارالمىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2017 - يىللىق كېڭىشىش پىلانى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدىگەن ئاساستا بېكىتىلىشى، قانات يايدۇرۇلۇشى، ئۇنىڭدا يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرى، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپى بويىچە، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ قايتا ئۆگىنىپ، قايتا تونۇپ، قايتا ئۆستۈرۈپ، كېڭىشىش پىلانى قىلغىلى بولىدىغان قارالما تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىختىساسلىقلار توپلانغان، ئەقىل - پاراسەت مەركەزلەشكەن، كەڭ ئالاقە قىلىدىغان ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاچقۇچلۇق مەسىلىگە دىققەت قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، كېڭىشىش قارالمىلىرىنى نىشانلىق ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى ئۆز فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، نىشاننى توغرا تاللاپ، كىچىك ئىشلاردىن چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتىپ، كىچىك، مەركەزلىك، قاراتمىلىقى كۈچلۈك مەسىلىلەرنى تاللاپ، يىللىق كېڭىشىش پىلانى مەزمۇنىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھەم قوللىنىشچان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باش نىشانغا تېخىمۇ ياخشى بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، پارتگۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ليۇ جىيۇڭ، گۈلشاد ئابدۇقادىر، كادىرقان مىراسقان يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر