باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن زۇڭتۇڭى چەتئەللەرنىڭ بېسىمى بىلەن زەھەر تازىلاش سىياسىتىدىن قول ئۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.10.09 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇترىت 6-ئۆكتەبىر فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن، بىر قىسىم خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ۋە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياردىمىنى دەپ ئۆزۈمنىڭ زەھەر تازىلاش سىياسىتىمدىن ۋاز كەچمەيمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنىڭ مېنىڭ زەھەر تازىلاش سىياسىتىمنى، شۇنداقلا فىلىپپىنلىقلار يولۇقىۋاتقان ئازابلارنى چۈشىنىشىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن. ئەگەر ئۇلار بۇ ئىش بىلەن فىلىپپىنگە بېرىدىغان ياردىمىنى توختىتىدىغان بولسا، مەنمۇ ئۇلاردىن تىلىمەيمەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ زەھەر جىنايىتىگە رەھىم قىلمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. ئۇ زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە زەھەر جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن ھەمدە زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا بۇ مەسىلىسىنى ئاساس جەھەتتىن ھال قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر