باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى كاپالەتلەندۈرۈلدى

−−ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخمەت سۇغۇرتىسىدىن ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز مەنپەئەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى بەس - بەستە ئالقىشلىدى

2016.10.09 15:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخمەت سۇغۇرتىسىدىن ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز مەنپەئەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە ئالقىشلاپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى ۋە ياخشى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تولۇق ئۈمىد باغلىدى.

  چەرچەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، كاندىدات مۇدىر سېسترا جىن يۈەنجو مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز مەنپەئەتلەندۈرۈش سىياسىتى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىغا غەمخورلۇق قىلغانلىقى ۋە كۆيۈنگەنلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىشىنىڭ كونكرېت گەۋدىلىنىشى، ئەلنى مايىل قىلىش، ئەلرايىغا بېقىشتىكى بىر تۈرلۈك «ئەل رازى قۇرۇلۇشى»دۇر. بۇ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ چىقىرىلىشى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىپ، شەھەر - بازارلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ھايۋانات - سەھىيە نازارەتچىلىكى ئورنىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈش سىياسىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىپ، كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى نەنلياڭ مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى تولۇنئاي دەلىلقان مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون يولغا قويغان ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈش سىياسىتى مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە خەلق تۇرمۇشى قىممىتىگە ئىگە. ئۇ ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ ۋە قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، ئاغرىقلارغا مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ ئىناق بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  توقسۇن ناھىيەسىنىڭ غولبويى يېزىسى قەسقىر كەنتى ئاھالىسى ھەلىمىگۈل ھەسەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەنتتىكىلەرگە «ئاغرىپ قالغاندا ئىشلىتىش ئۈچۈن پۇل يىغىش» ئىدىيەسى چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنىدى، ھازىرقى ياخشى سىياسەت ئۇلارنىڭ قولىدىكى كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان پۇلنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگۈسى.

  ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ تۇيۇن يېزىسى سۆڭەك كەنتى ئاھالىسى ئالىم بىماتنىڭ خۇشاللىقى سۆزلىرىدە ئىپادىلىنىپ تۇراتتى، ئۇ: ئىلگىرى يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلسىمۇ، ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندا ئىقتىسادىي بېسىم يەنىلا ئېغىر بولاتتى. ھازىر ياخشى بولدى، بۇ سىياسەت ماددىي جەھەتتىكى يۈكنى يېنىكلىتىپلا قالماي، روھىي بېسىمىمىزنىمۇ يېنىكلەتكۈسى. ئادەمنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولسا، سالامەتلىكىمۇ ياخشى بولىدۇ ئەمەسمۇ، دېدى.

  70 ياشلىق تۇرسۇن ئىسمائىل بورتالا شەھىرىنىڭ چىندىل كوچا باشقارمىسى جيەنگو يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى. 2014 - يىلى بۇ بوۋاينىڭ يۈرەك كىلاپانى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىپ، كىلاپان ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن، شۇ چاغدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا 180 مىڭ يۈەن كەتكەنىدى. ئۇ: ھېلىمۇ شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل ياردەم پۇلى 100 مىڭ يۈەن بىلەن ئائىلەمنىڭ يۈكى خېلى يېنىكلىدى. ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈش سىياسىتى بىزدەك ئادەتتىكى ئائىلىلەر ئۈچۈن بەك ياخشى چىقىرىلىپتۇ، ئەمدى بىز كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق، دېدى.

  بورتالا شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى پارتگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خەن يىڭ مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈش سىياسىتى پۇقرالار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپلا قالماي، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۈچۈنمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش. ھەر يىلى ئاساسىي قاتلامدا بىر قىسىم ئائىلىلەر كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغان ئارتۇقچە مەبلىغى بولمىغاچقا، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق. ھازىر ياخشى سىياسەت چىقتى، سەھىيە سىستېمىسى ئۇنى چوقۇم ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئاممىغا يەتكۈزۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر