باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قېرىنداش شەھەر شايار ناھىيەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى

2016.10.09 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شايار ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تاھىرجان نىياز، شۈ خېلى خەۋىرى) شايار ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ ناھىيە، يېزا نوپۇسى 210 مىڭ بولۇپ، ناھىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %81.3 نى ئىگىلەيدۇ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى 37 مىڭگە يېتىدۇ. شايار ناھىيەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جيا شىڭ شەھىرى ياردەم بىرىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرگە چىقىش يولى تېپىپ بەردى.

  8 -تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەپ يولغا قويۇشقا قارىتىلغان بولۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 2015-يىلى 4-ئايدا 7 مىليون 290 مىڭ يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش، ئەمگەك مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن «ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش بازىرى» قۇرۇلدى. بۇ ئورۇن 2015-يىل 11-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، قەرەللىك ھالدا ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق 3000 دىن كۆپ ئەمگەكچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلدى.

  «ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش بازىرى»نىڭ يېتەكچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلدى. «بازار» 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۈرلۈك ۋاسىتىچى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى «بازار» غا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «بازار»نىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش بازىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى، توردا سېتىش سۇپىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، يەرلىك ئاممىنى توردا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ، ئۈلگە خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش بازىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدىن 10 قارار ئېچىپ، 1400 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى تەربىيەلەپ، تور سودا دۇكىنى سانىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى كارخانا ۋە يېزا، كەنتلەردە «قىزىل كېمە لوڭقىسى» كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى، «قىزىل كېمە لوڭقىسىنى تالىشىش بويىچە گۈزەل يېزا، ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىش» پائالىىيتى قاتارلىق تۈرلۈك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر