باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى ۋاشىنگتوندا ئېچىلدى

2016.10.09 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق 4-قېتىملىق 20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى 6-ئۆكتەبىر ۋاشىنگتوندا ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ مالىيە مىنىستىرى لو جىۋېي ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جوۋ شياۋچۈەن بىرلىكتە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان مەزگىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى بولۇپ، ئاساسلىقى نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، شۇنداقلا باج يىغىش، مەنپەئەت ھوقۇقى ۋە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى ھەمدە 2017-يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى گېرمانىيەنىڭ كېلەر يىلقى 20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە يوللىرى قارالمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى يەنىلا ئاستا ۋە تەڭپۇڭسىز بولۇپ، ئېنىقسىزلىقى ۋە خەۋپى ئاشتى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ماكرو ئىگىلىكنىڭ سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بارلىق سىياسىي قوراللارنى ئىشلىتىپ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش، سودىنىڭ ئەركىنلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدىكى ئورتاق تونۇشلارنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر