باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتىنى پائال، مۇقىم تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

2016.10.11 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتىنى پائال، مۇقىم تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى تارقىتىپ، كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىق رولىنى پائال، مۇقىم تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىق رولىنى پائال، مۇقىم تۆۋەنلىتىشنىڭ ئاساسلىق يوللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش؛ ئىككىنچى، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش؛ ئۈچىنچى، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ كارخانىلارنىڭ ساقلانما مۈلكىنى جانلاندۇرۇپ، ساقلانما مۈلۈكنى رەتلەش، بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، كۆپ خىل جانلاندۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش؛ تۆتىنچى، كۆپ خىل ئۇسۇلدا كارخانىلارنىڭ قەرز قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مالىيە يۈكىنى يەڭگىللىتىش؛ بەشىنچى، بازارلاشقان بانكا ھەقدارلىق ھوقۇقىنى پاي ھوقۇقىغا ئۆزگەرتىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى لېكىن ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش؛ ئالتىنچى، كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە يولغا قويۇپ، كارخانىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش ھېساباتىنى ئېنىقلاش، قايتا رەتلەش ۋە كېلىشىشنى يولغا قويۇش؛ يەتتىنچى، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇۋاپىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسى شەكىللەندۈرۈش.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر