باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇتېرتى: فىلىپپىن ئەمدى ئامېرىكىغا بوزەك بولمايدۇ

2016.10.10 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتى 7-ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ يۇرتى داۋائو شەھىرىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ زەھەرگە قارشى ئۇرۇشىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىدلەپ، ئەگەر ئامېرىكا فىلىپپىننى داۋاملىق بوزەك ئېتىمەن دەيدىكەن، ئۇنداقتا ئامېرىكا فىلىپپىندىن مەھرۇم قالىدۇ دېدى.

  دۇتېرتى مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا فىلىپپىننى ھۆرمەتلىمىسە، فىلىپپىن ئامېرىكىدىن يىراقلىشىپ، رولنى جۇڭگو ۋە رۇسىيەگە بۇرايدۇ دېدى.

  دۇتېرتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو مەبلەغ چىقىرىپ سالغان فىلىپپىننىڭ نوۋائىسىجا ئۆلكىسى ماگسايساي قەلئەسىدىكى زەھەر تاشلاتقۇزۇپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى پات ئارىدا كېسەل قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ، لېكىن ئامېرىكا تېخىچە بۇنداق تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويمىدى. دۇتېرتى شۇ كۈنكى نۇتقىدا، دۆلەت ئىچى ياكى چەتئەللەردىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى توختىماي تىلغا ئېلىپ، مەن ھەيۋىدىن قورقۇپ قالمايمەن، مېنىڭ زەھەرگە قارشى كۈرىشىم توختاپ قالمايدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر