- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى
باش نىشاندىكى تەلەپلەرنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك
2016.10.11 14:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
10 - ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 9 - ئۆكتەبىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە - ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 5 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى تەركىبىدىكىلەر بىلەن ئورگاندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى مۇشۇ باش نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، مۇشۇ باش نىشانغا بويسۇندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.
نەيىم ياسىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى تەلەپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە، تونۇش، قەدەم ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ قانۇن ئاتا قىلغان خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چېن چۈەنگو شۇجى سۆزىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئالتە جەھەتتىكى كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئالتە جەھەتتىكى كونكرېت تەدبىر باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتىكى كونكرېت تەدبىر بولۇپ، قاراتمىلىقى، يېتەكلەشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۇنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىرىنچىدىن، قانۇندا خەلق قۇرۇلتىيىغا ئاتا قىلىنغان خىزمەت ھوقۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت نۇقتىلىق ساھەدىكى نىزام چىقىرىش خىزمىتى، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەدەبىي ئەمىنلىكنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تەرەققىياتنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش، خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىش رولى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، يېڭى بىر يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، ياخشى پىلانلاش كېرەك. باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، بالدۇر تەتقىق قىلىپ، بالدۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، يېڭى بىر يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەتلىرىنى ياخشى پىلانلاش كېرەك. يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يېڭى بىر يىلدىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاندىكى تەلەپلەرنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مەنىن زەينىللار يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر