باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئانتونىئو.گۇتىرىس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك باش كاتىپلىقىغا كۆرسىتىلدى

2016.10.10 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئانتونىئو.گۇتىرىس ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلانسام، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ئۈستىدە توختالغاندا، "ئالدىنى ئېلىش" دېگەن سۆزنى ئۇچ قېتىم تەكرارلىغان. ئۇ: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زور كۆپ قىسىم بايلىقى تېنچلىقى قوغداشقا ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەرلەر تىنچىمىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى، باراۋەر بولماسلىق، كەڭ قورساق بولماسلىق، دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى تەرەققىيات مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر بار. بىر پۈتۈن شەكىل بىلەن بۇ مەسىلىلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش مېنىڭ خىزمىتىمنىڭ بىر ئېنىق مۇھىم نىشانى بولىدۇ، دېگەن.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت 6-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا پورتۇگالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇساپىرلار ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى ئانتونىئو.گۇتىرىسنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەشكە كۆرسىتىشكە بىردەك قوشۇلدى.

  گۇتىرىس 1949-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىسبوندا تۇغۇلغان. لىسبون ئالى تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇپ، فىزىكا ئېلېكتىرىك قۇرۇلۇش كەسپىنى ئۆگەنگەن. 1971-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پروفېسسور ياردەمچىسى بولغان.

  1974-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى پورتۇگالىيە ھەربىيلىرى قان تۆكمەي ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، پورتۇگالىيەدە 40 نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرگەن مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، پورتۇگالىيە دېموكراتىك يولغا ماڭغان. گۇتىرىس شۇ يىلى سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويغان، ئۇ سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنى قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، مەزكۇر پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. گۇتىرىس سىياسىي سەھنىگە قاتنىشىش سەۋەبى ئۈستىدە توختالغاندا، بۇ يىل 4-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى لىسبوندىكى نامراتلار رايونىدا پىدائىي بولغاندا نۇرغۇنلىغان قورقۇنچلۇق مەسىلىلەرنى بايقىغان، بۇنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلماقتىن باشقا ئامال يوق، شۇڭا مەن سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويدۇم.

  گۇتىرىس 1992-يىلى پورتۇگالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1995-يىلى ئۇ سوتسىيالىستلار پارتىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ، پورتۇگالىيە زۇڭلىسى بولغان. 2001-يىلى 12-ئايدا سوتسىيالىستلار پارتىيەسى مەملىكەتلىك شەھەر مەمۇرىيىتى سايلىمىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گۇتىرىس ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، زۇڭلى ۋە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 2002-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ پورتۇگالىيەنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىگەن.

  1991-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە، ئۇ يەنە چوڭ تىپتىكى خەلقئارا پارتىيە تەشكىلاتى بولغان سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ خەلقئارا رەئىسى بولۇپ، كۆپلىگەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقە ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

  گۇتىرىس 2005-يىلى 6-ئايدىن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى بولۇپ، يەرشارى مۇساپىرلار ئىشلىرىنى ھەل قىلىشقا رەھبەرلىك قىلغان ۋە ماسلاشتۇرغان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، كۆپ قېتىم سۇرىيە، ئىراق، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ، مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلارنى پائال ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.

  مۇساپىرلار مەھكىمىسىنى باشقۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، ئورگاننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۇنىڭ بىر زور تۆھپىسى بولغان. ئۇ مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ جەنۋەدىكى خىزمەتچى خادىملىرىنى قىسقارتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زور تەرىپلەشكە ئېرىشكەن.

  بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرى، پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى گۇتىرىسنى رەسمىي ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك باش كاتىپلىق نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن. گۇتىرىس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقى سايلىمىغا قاتنىشىش سەۋەبى ئۈستىدە توختالغاندا: پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسى مەركىزىدە تۇرغاندىلا ئاندىن ئىنسانلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ، دېگەن.

  بۇ يىل 7-ئايدا، باش كاتىپنى سايلاش خىزمىتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئۆتۈپ ئەمەلىي خاراكتېرلىك باسقۇچقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق قاراتمىلىق بېلەت تاشلىشىدىن تارتىپ، 6-قېتىملىق بېلەت تاشلاشقىچە ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.

  10-ئاينىڭ 5-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئايلىق رەئىسى، رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چوركىن: 6 قېتىم قاراتمىلىق بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىر ئېنىق، شۇنداقلا ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن نامزاتقا ئىگە بولدى، ئۇ بولسىمۇ ئانتونىئو. گۇتىرىس، دەپ جاكارلىدى.

  بۇ يىل 4-ئايدا ئۇ ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلانسا، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ئۈستىدە توختالغاندا، "ئالدىنى ئېلىش" دېگەن سۆزنى ئۇچ قېتىم تەكرارلىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زور كۆپ قىسىم بايلىقى تېنچلىقى قوغداشقا ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەرلەر تىنچىمىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى، باراۋەر بولماسلىق، كەڭ قورساق بولماسلىق، دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى تەرەققىيات مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر بار. بىر پۈتۈن شەكىل بىلەن بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېنىڭ خىزمىتىمنىڭ بىر ئېنىق مۇھىم نىشانى بولىدۇ.

  تەرتىپ بويىچە گۇتىرىس يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولىدۇ. ئەمما بۇ جەريان ئومۇميۈزلۈك ھالدا پەقەتلا بىر رەسمىيەت دەپ قارىلىدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئۇ كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر