خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-ئۆكتەبىر چۈشتە مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا بېرىپ ئاۋمېننى كۆزدىن كەچۈردى ۋە جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 5-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
لى كېچياڭ ئايرودۇرۇمدا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە چوڭقۇر تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئاۋمېندىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا كۆپرەك كۆرۈپ، كۆپرەك ئاڭلاپ، ئاۋمېندىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى، تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە قېرىنداشلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش تەسىراتلىرىغا ئىگە بولغىلى كەلدىم. شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئاۋمېندىكى ھەر ساھە قېرىنداشلارغا ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋمېننى «دۇنيا ساياھەت ئىستىراھەت مەركىزى، جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇلازىمەت سۇپىسى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى قەتئىي قوللاپ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۇزاق مەزگىل گۈللىنىپ مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرىمەن. مەن يەنە جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتنىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ئۆز ئارا ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى