باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ليۇ پېڭ: جۇڭگو خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ دۇنيا روھلاندۇرغۇچى دورىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىشىنى قوللايدۇ

2016.10.10 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق ئولىمپىك باشلىقلار يىغىنى 8-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن شىۋېيتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ پېڭ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندىن كېيىن ليۇ پېڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يېقىندا بەس مۇنازىرە قىلىنغان دۇنيا روھلاندۇرغۇچى دورىلارغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىنى قوللاش بولدى دېدى.

  ليۇ پېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى روھلاندۇرغۇچى دورىلارغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىزچىل قوللاپ، روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشكە قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلدى. جۇڭگو «دۇنيا روھلاندۇرغۇچى دورىلارغا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى قوللايدۇ ھەمدە بۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. جۇڭگو روھلاندۇرغۇچى دورىلارغا قارشى تۇرۇش ساھەسىدە روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەشۋىقىي تەربىيە بېرىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى ھەمدە بىر يۈرۈش تۈزۈملەرنى تۈزدى ۋە يولغا قويدى، زور نەتىجىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە يۇقىرى باھاسىغا مۇيەسسەر بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر