- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
3-نۆۋەتلىك قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى باشلاندى
2016.10.11 14:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئۆكتەبىر، «ئالاقىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىنغان 3- نۆۋەتلىك قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.
شۇ كۈنى، 60 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى بۇ كۆرگەزمە زالى ھۆل- قۇرۇق مېۋە - چىۋە، ئاشلىق - ياغ ۋە چالغۇ ئەسۋابلار، خەتتاتلىق ۋە رەسساملىق ئەسەرلىرى، قاشتېشى، ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 خىلغا يېقىن كۆرگەزمە بۇيۇمى بىلەن لىق تولدى، 600دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرمەنكىگە قاتناشتى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق سودىگەرنى يەرمەنكىگە قاتنىشىش ۋە سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر