باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت بايلىق كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى بەي ئېنپېيغا ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈمى چىقىرىلدى

2016.10.10 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 9-ئۆكتەبىر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى بەي ئېنپېينىڭ پارا ئېلىش، غايەت زور بايلىقنىڭ كېلىش مەنبەيى ئېنىق بولماسلىق دېلوسى ئۈستىدە ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىپ، جاۋابكار بەي ئېنپېيىغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىش، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىش شۇنداقلا بارلىق مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش، ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشۇپ قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەندىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك نەزەربەند قىلىش، جازانى يەنە يېنىكلەتمەسلىك، كېپىلگە قويۇپ بەرمەسلىك ھۆكۈمى چىقاردى.ناھايىتى كۆپ بايلىقىنىڭ كېلىش مەنبەيى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتىگە مۇددەتلىك ئون يىللىق قاماق جازاسى بەردى، ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قىلىش شۇنداقلا بارلىق شەخسى مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش، ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈش مۇددىتى توشۇپ، قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا يېنىكلىتىلگەندىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك نەزەربەند قىلىش، جازانى يېنىكلەتمەسلىك، كېپىللىك قويۇپ بېرىشكە يول قويماسلىقنى قارار قىلدى، بەي ئېنپېي پارا ئالغان بارلىق مال ۋە كېلىش مەنبەيى ئېنىق بولمىغان مۈلۈك تۆلىتىلىپ، دۆلەت غەللىسىگە تاپشۇرىلىدۇ.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2000-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە جاۋابكار بەي ئېنپېينىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسى، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان مەزگىلدە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن ۋە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا ئۆي مۈلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش، كان ھوقۇقىغا ئېرىشىش، ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا باشقىلارغا پايدا بېرىش بەدىلىگە بىۋاسىتە ياكى ئايالى ئارقىلىق 246 مىليون يۈەن قىممىتىدە قانۇنسىز پارا ئالغانلىقى ئېنىقلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر