باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قارلىقتا ئېچىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلى

2016.10.10 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە جىشىدىڭجۇ ئەتىگەندىلا ئايالى ۋە ئوغلىنى ئېلىپ، دىچىڭ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر موزىيىغا يېتىپ باردى، جىشىدىڭجۇ مۇنداق دېدى: قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر موزىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئائىلىمىزنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئېكسكۇرسىيە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭ، مېنىڭ قىزىل ئارمىيە، ئازادلىق ئارمىيەگە چوڭقۇر مۇھەببىتىم بار، قىزىل ئارمىيە ئەينى يىللىرى ئۇزۇن سەپەردە دىچىڭدىن ئۆتكەندە بوۋام قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپتىكەن، كېيىن داداممۇ ئەسكەر بولدى.

  1936-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو ئىشچى دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئىككىنچى، ئالتىنچى گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسى جىنشا دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن دىچىڭغا كىرىدۇ، قىزىل ئارمىيە ئىككىنچى گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە جۇڭدىيەن ناھىيەسىگە كىرگەندىن كېيىن ناھىيەدە گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى قۇرىدۇ، خې لوڭ قاتارلىق قىزىل ئارمىيە رەھبەرلىرى ھەر ساھە ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، « جۇڭخۇا سوۋېت خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى خۇنەن، خۇبېي، سىچۈەن، گۈيجۇ شۆبىسى جۇڭدىيەن ھەربىي شۆبە جەمئىيىتى ئېلانى»نى چىقىرىپ، ئارمىيە بويىچە روتىدىن يۇقىرى كادىرلارنىڭ جۇڭديەن يىغىنىنى ئاچتى.

  ئازادلىق كەنتى زاڭزۇلار ئاساسى قىلىنغان، كۆپ مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت ئىدى، كەنتتە زاڭزۇ، ناشىزۇ، بەيزۇ، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ياشايتتى.كېيىن باشقا مىللەتلەر بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۆزىگە تەئەللۇق يەرگە ئىگە بولدى، ھەر يىلى ئەتىيازدا كەنتتە مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى، ھەر بىر كەنت نومۇر قاتناشتۇرۇپ، مىللىي ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلاتتى، 2010-يىلى 9-ئايدا ئازادلىق كەنتى دىچىڭ ئوبلاستىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگىلىك كەنت بولۇپ باھالاندى.

  2013-يىلىدىن بېرى دىچڭ ئوبلاستى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىدا چېگرانى گۈللەندۈرۈش مۇقىملاشتۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش ئوبلاستى قۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش يېزا بازىرى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كەنت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەھەللىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئاھالىسى ۋە ئىناق بۇتخانا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر