باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.10.09 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى يەنىمۇ قىسقارتىش بېكىتىلدى؛ چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنى تەستىقلاش، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىلگەن، ئېچىۋېتىلگەن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىش قارار قىلىندى؛ «مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى» ماقۇللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى يەنىمۇ قىسقارتىش بېكىتىلدى؛ چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنى تەستىقلاش، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىلگەن، ئېچىۋېتىلگەن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىش قارار قىلىندى؛ «مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى» ماقۇللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2013-، 2014-يىلى ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئاساسىدا، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى يەنىمۇ تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىيات ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ كەڭ، مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بۇ بىر قانچە يىللىق تەجرىبىگە ئاساسەن، دۆلەت يىرىك پىلان دائىرىسىدىكى ئېنىق ئۆلچىمى بار مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىشكە بولىدۇ. بىرىنچى، يۈك ساندۇقى مەخسۇس پىرىستانى، ئىچكى دەريا تىرانسپورت تۈگۈنى، ئاپتوموبىل موتورى، شەھەر تېز سۈرئەتلىك رېلىسلىق قاتناش قاتارلىق مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار يىرىك پىلانى، ئىجازەت ئۆلچىمى قاتارلىقلارغا ئاساسەن تەستىقلىسا بولىدۇ. جۇڭگو تۆمۈر يول باش ئىدارىسى مەبلەغ سالغان تۆمۈر يول، كۆۋرۈك، تونېل قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆزى قارار قىلسا بولىدۇ. داۋالاش، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ساھەلەردىن ئەل ئىچىگە مەبلەغ سېلىشنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىشنى مۇزاكىرىلەشسە بولىدۇ. ئىككىنچى، جايلار پولات-تۆمۈر، كۆمۈر، ئاليۇمىن ئېلېكرولىزلاش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن كەسىپلەرنىڭ ھەر قانداق ئۇسۇلدا يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۆپەيتىشىگە بولمايدۇ، پىرىنسىپ بويىچە ئەنئەنىۋى يېقىلغۇ ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇشنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ. ئۈچىنچى، كىم تەستىقلىسا شۇ نازارەت قىلىش، كىم مەسئۇل بولسا شۇ نازارەت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر تېجەش، ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش تېخنىكىسى، بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنىڭ ئىجازىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىتقا تەسىرى چوڭ، خەۋپى يۇقىرى تۈرلەرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كېرەك. كۈچلۈك «تۆۋەنگە بېرىش» بىلەن ئۈنۈملۈك «باشقۇرۇش» ئارقىلىق، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر