باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋېنجۇدىكى ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى نەق مەيدانىدىن 26 ئادەم ئىزدەپ تېپىلدى

بۇنىڭ ئىچىدە 20 ئادەم قازا قىلغان

2016.10.11 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ۋېنجۇ شەھرى لۇچېڭ رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 10- ئۆكتەبىر كەچ سائەت 10غىچە، بۇ رايوندىكى شۇاڭيۈ كوچىسىدا يۈز بەرگەن ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى نەق مەيدانىدىن 26 ئادەم ئىزدەپ تېپىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 20 ئادەم قازا قىلغان.

  10- ئۆكتەبىر سەھەر سائەت 4لەردە، شۇاڭيۈ كوچىسى تۇسۈن كەنتى مەركىزىي كوچىسىدىكى 159- نومۇرلۇق تۆت ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، نۇرغۇن ئادەم كۆمۈلۈپ قالغان.

  ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋېنجۇ شەھىرى لۇچېڭ رايونى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى تېزدىن يولغا قويۇپ شەھەر، رايون دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قاپسىلىپ قالغانلارنى، يارىدارلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى، شۇ تەۋەلىكتىكى، شۇنىڭدەك جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش، قوراللىق ساقچى قىسىم، سەھىيە قاتارلىق تارماقلار ۋاقتىدا نەق مەيدانغا بېرىپ، قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى.

  مۇخبىر ماقالىنى ئەۋەتكىچە، ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن نەق مەيداندا يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر