باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان تۇنجى قېتىم پاكىستان چېگراسىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

2016.10.10 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھىندى دىنى مۇرىتلىرى گېزىتى» نىڭ 8-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ مىنىستىرى Rajnath Singh يەتتىنچى ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، 2018-يىلى 12-ئايدىن بۇرۇن، ھىندىستان-پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ 3323 كىلومېتىرغا سوزۇلغان چېگراسىنى پۈتۈنلەي تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كونكرېت پىلان ھازىر تۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ھىندىستان مەركىزىي ھۆكۈمىتى چېگرانى تاقاش ئۈچۈن زۆرۈر بولىدىغان تېخنىكىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5-ئايدا بىر تۈرلۈك بەش قاتلاملىق قامال قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ھىندىستان-پاكىستان چېگراسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، پاكىستانلىق كىشىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر پىلاندا ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق ھاۋارايىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي چېگراسىدىكى پۈتۈن رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىدىكەن. بۇ قېتىمقىسى ھىندىستاننىڭ مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم چېگرانى پۈتۈنلەي قامال قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  Rajnath Singh بۇ قېتىمقى باياناتىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان چېگراسىنى قامال قىلىش ئىشىنى، چېگرا رايونىدىكى راجەستان ئىشتاتىدا ئىككى كۈنلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قارار چىقارغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ شۇ جايدىكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان، ھەم 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى ھىندىستان ھەربىي گازارمىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى تىلغا ئالغان.

  بۇ يىل 9-ئايدا ھىندىستان ھەربىي گازارمىلىرىغا قارىتا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 17 نەپەر ھىندىستان ئەسكىرى قازا قىلدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى پاكىستان ھۆكۈمىتىنى پەردە ئارقىسىدىكى باش پىلانلىغۇچى دەپ ئەيىبلىدى. ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلتىيىدا پاكىستاننى «تېررورىزم دۆلىتى» دېدى.

  پاكىستان تەرەپ ھىندىستاننىڭ ئەيىبلىشىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە قايتارما ھۇجۇم سۈپىتىدە، كەشمىر رايونىغا قارىتا «دەھشەتلىك باستۇرۇش» ھەم «ئىنسانىي ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈگىتىش» ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. ھىندىستان-پاكىستان ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن ۋاز كەچمەي قورال كۈچىگە تايىنىپ كەشمىر مەسىلىسىنى ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى، ھىندىستان ساقچى تەرەپ كەشمىر رايونىدىكى ھىندىستانغا قارشى قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ قوماندانى بۇرھان ۋانى (Burhan Vani) نى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇرھان ۋانىنىڭ ئۆلۈمى كەشمىر رايونىدا زور داۋالغۇش كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا تۈرلۈك ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە ھەر خىل دەرىجىدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇش ۋەقەلىرى يۈز بەردى.

  Rajnath Singh ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان كەشمىر رايونىدىكى توقۇنۇشقا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ: «دۆلەت چوقۇم ئۆز ئارمىيەلىرىگە تولۇق ئىشىنىشى كېرەك. بىز بارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. خۇددى دېھقانلار ئۆزىنىڭ زىرائەتلىرىنى قوغدىغاندەك، بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىزمۇ ئۆز دۆلىتىمىزنى قوغدايدۇ» دېدى.

  ھىندىستان «ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ھىندىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگودىن ياردەم سوراپ، جۇڭگونىڭ پاكىستانغا بېسىم ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن پاكىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلىرى: «جۇڭگو شەرتسىز ھالدا پاكىستاننىڭ مەيدانىنى قوللايدۇ. <بىر بەلباغ بىر يول> ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەشەببۇسى ئاستىدىكى <جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى> دىكى بىر قىسىم تۈرلەر پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدىن ئۆتىدۇ» دېگەن.

  9-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ليۇ جېنمىن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن پاكىستاننىڭ كەشمىر مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالاھىدە ئەلچىسى، پارلامېنت ئەزاسى بەختىيار ۋە لالاكا بىلەن كۆرۈشكەن چاغدا تەكىتلەپ: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى كەشمىر تەرەپنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ، پاكىستان تەرەپنىڭ مەيدانىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. كەشمىر مەسىلىسى بولسا تارىختىن قېپقالغان مەسىلە، ئۇنى چوقۇم ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سۆھبىتى ئارقىلىق كېڭىشىپ ھەل قىلىش كېرەك» دېگەن.

  9-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو-ھىندىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك سۆھبەت يىغىنى تۇنجى قېتىم بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتنىڭ شۇجىسى مېڭ جىيەنجۇ: «ئىككى تەرەپ پائال ھالدا ئاكتىپ ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىنى تۇتۇپ، ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتتە ئىپادىلەپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايون بىخەتەرلىكى شۇنداقلا مۇقىملىقنى كۈچلۈك قوغداش كېرەك» دېگەن.

  ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ تاراتقۇسى Daily Excelsior نىڭ 3-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى تەرەپ 10-ئايدا ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر