باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 2017-يىلدىن باشلاپ، بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىدۇ

2016.10.10 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 9-ئۆكتەبىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ بىرلەشتۈرۈش لايىھەسى ئېلان قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2017-يىلدىن باشلاپ بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىش مېخانىزمى، مەنپەئەت تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى تەرتىپلىك كېسەك كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، دوختۇرخانىلارنى دورىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، تەننەرخنى كونترول قىلىش، ئاغرىقلارنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلىپ داۋالاش ۋە يۆتكەپ داۋالاشتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تەڭشەشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ توپلاش ۋە تەمىناتنى تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىغا مۇناسىپ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مۇقىم، سىجىل مەبلەغ توپلاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەبلەغ توپلاش سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇش ۋە باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئۆلكە ھالقىپ باشقا يۇرتقا ئورۇنلاشقان پېنسىيونېرلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، يۆتكەپ داۋالاش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا جايدا داۋالىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر