باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە ياردەم بېرىش» سىياسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ

2016.10.10 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9- ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، 2017- يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ « ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە ياردەم بېرىش» سىياسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شەھەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز دەرسلىك بىلەن تەمىنلەپ، شەھەرلەردىكى ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلغان.

  2017- يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتى كەچۈرۈم قىلىنىپ، دەرسلىك ھەقسىز تارقىتىلىدىكەن، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن. خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ئۆلچىمى ئاپتونوم رايون بېكىتكەن ھەربىر ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ئاساسىي خىراجەت سوممىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن. ھەقسىز دەرسلىك مەبلىغىگە قارىتا، دۆلەت بەلگىلىگەن دەرسلىك خىراجىتىنى مەركەز پۈتۈنلەي ئۈستىگە ئالىدىكەن (ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان دەرسلىكنىڭ تارتقان زىيىنىغا قوشۇپ بېرىلىدىغان تولۇقلىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ يەرلىك دەرسلىكنىڭ خىراجىتىگە قارىتا، 2017 - يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ناھىيە ( شەھەر)لەر 9:1 نىسبەت بويىچە ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىكەن.

  ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشكە كېتىدىغان مەبلەغنى مەركەز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 5 : 5 نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدىكەن. ئاپتونوم رايون ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە 2015 - يىلى ۋىلايەت، ناھىيە ( شەھەر )لەر ئۈستىگە ئېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن مەبلەغ ئاساس قىلىنىدىكەن. 2016- يىلىدىن باشلاپ، ۋىلايەت، ناھىيە ( شەھەر )لەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مەبلىغىنى ئاپتونوم رايون ئۈستىگە ئالىدىكەن؛ باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مەبلىغىنى ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ناھىيە ( شەھەر )لەر 7:3 نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر