باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن «نەنخەي بىرلەشمە سەييارە تەكشۈرۈش» پىلانىنى ۋاقتىنچە توختاتتى

2016.10.09 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىلىنپپىن دۆلەت مۇداپىئە مۇنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى دېلفىن لورېنزانا 7-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ دۇتېلتېنىڭ يوليورىقى بىلەن، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى فىلىپپىن-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت قوشۇنىنىڭ نەنخەي بىرلەشمە سەييارە تەكشۈرۈش پىلانىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەسمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ، دۇتېلتېنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئامېرىكىغا كۆپ قېتىم قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەندىن كىيىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقى جەھەتتە تۇنجى قېتىم ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىنىش ھېسابلىنىدۇ. لورېنزانا يەنە مۇنۇلارنى دەلىللىدى: دۇتېلتې فىلىپپىن-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ھەر يىلى بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان 28 مەيدان مانېۋىرىنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  دۇتېلېتې 7-ئۆكتەبىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى 100 كۈنلۈك نۇتقىدا ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى. ئۇ فىلىپپىن-ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ بۇ يىللىق مانېۋىرىنىڭ ۋىزىپىگە ئولتۇرغاندىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق» مانېۋىر بولىدىغانلىقىنى ئىككى قېتىم تەكىتلەپ، مانېۋىر فىلىپپىن-ئامېرىكىنىڭ «دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۈچەيتىشتىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى» مەزمۇنىغا كىرمەيدۇ، دېدى ھەم ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئىسمىنى تۆت قېتىم تىلغا ئالدى. دۇتېلتې مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنىڭ مالىيىڭلار ئەمەس...ئامېرىكا مېنى تەختتىن چۈشۈرمەكچى بولسا، قولىدىن كەلگىنىنى قىلسۇن. بىراق بىر كۈن تەختتە ئولتۇرىدىكەنمەن، بىزنى بوزەك قىلىشىڭلارغا يول قويمايمەن، بولمايدىكەن پۇشايماندا قالىسىلەر. غەزەپلىنىشنى خالىمايمەن، بىراق بىزگە ئازراق ھۆرمەت قىلىشىڭلار كېرەك».

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر