باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارىم ئويمانلىقىدا ئۈچ يېرىم «بوغدا كۆلى»نىڭ سۈيىگە تەڭ كەلگۈدەك سۇ تېجىلىپ، ئىپتىدائىي توغراقلىق سۇغىرىلدى

2016.10.10 14:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھالاكەت دېڭىزى» بويىدىكى قۇم توغراقلىقى ئاخىرى سۇغىرىلدى: بىر ئايدىن كۆپرەك بېسىپ سۇغىرىش ئارقىلىق، شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىپتىدائىي توغراقلىق ئۈنۈملۈك سۇغىرىلىپ، ئۇزاقتىن بۇيانقى «ئۇسسۇزلۇقى» قاندۇرۇلدى.

  9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىق رايونىنى كەڭ كۆلەملىك جىددىي سۇغىرىش ئاخىرلىشىپ، ئاز دېگەندە 550 مىليون كۇب مېتىر دەريا سۈيى بىلەن شۇ يەردىكى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىپتىدائىي توغراقلىق سۇغىرىلدى. تەڭرىتاغدىكى بوغدا كۆلىنىڭ 160 مىليون كۇب مېتىر سۇ مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ ئۈچ يېرىم بوغدا كۆلىنىڭ سۈيىگە تەڭ كېلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى جىددىي سۇغىرىشتىكى نۇقتىلىق رايون تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنى ۋادىسىدىكى مارالبېشى، شايار، بۈگۈردىن ئىبارەت ئۈچ رايوندىكى چېكىنىشى ئېغىر بولغان توغراقلىق رايونى بولۇپ، تارىم دەرياسى ۋە تارماق ئېقىنىنىڭ دەريا سۈيى ئېكولوگىيە تۇغىنى ئارقىلىق بۇ ئىپتىدائىي ئورمانلىققا باشلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، باغراش كۆلىدىن 80 مىليون 620 مىڭ كۇب مېتىر سۇ كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى قۇرۇپ كەتكىنىگە ئۇزاق بولغان دەريا يولىغا باشلىنىپ، سىڭدۈرۈپ ئاقتۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى قىرغاقتىكى قۇرۇپ كەتكەن توغراق سۇغىرىلدى.

  تارىم دەرياسى تارىم ئويمانلىقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، بۇ دەريانىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى دەريا يولىنىڭ ئىككى تەرىپى ئىپتىدائىي توغراقلىق ئەڭ مەركەزلىك تارقالغان رايون، ساقلىنىۋاتقان ئىپتىدائىي توغراقلىق ئومۇمىي كۆلىمى 15 مىليون مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، شۇ يەرنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توسىقى ھېسابلىنىدۇ.

  ئۆتكەن نەچچە 10 يىلدا تەبىئىي ئاپەت ۋە كىشىلەرنىڭ زىيان سېلىشى تۈپەيلىدىن، بۇ ئىپتىدائىي ئورمانلىق ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن، قىسمەن ئورمان رايونلىرىنى ئېگىزدىن قاراپ «ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان» دەپ تەسۋىرلىسىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان تېرىلغۇ يەرنى سۇغىرىش ئۈچۈن، تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋە ئوتتۇرا ئېقىنى رايونىدا كەڭ كۆلەمدە ئۆستەڭ چېپىپ، سۇ باشلىمىسا بولمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ، بۇ دەريانىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدا يىل بويى سۇ ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا توغراقلىق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويدى، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى نۇقتىلىق توغراقلىقنى جىددىي سۇغىرىش بۇنىڭدىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل 8 - ئايدا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 17 - قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ باشلاندى. 29 - سېنتەبىرگىچە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى داشكۆل سۇ ئامبىرىغا جەمئىي 457 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇپ بېرىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چەرچەن دەرياسىدىن سۇ باشلىنىپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئايىغىدىكى تېتىما كۆلىدە 304 كىۋادرات كىلومېتىرلىق سۇ كۆلىمى شەكىللەندى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر