باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاقىلىق دەرياسى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى باشلاندى

2016.10.10 14:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  624 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان چاقىلىق دەرياسى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى يېقىندا باشلاندى.

  ئۇقۇشىمچە، ھازىر چاقىلىق دەرياسى سۇ ئامبىرىغا بارىدىغان 9.1 كىلومېتىر يول جىددىي ياسىلىۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى پۈتكەن، بۇنىڭغا 45 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، يول قۇرۇلۇشى يىل ئاخىرىغىچە پۈتكۈزۈلىدىكەن.

  چاقىلىق ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لۈنچىڭ مۇنداق دېدى: پۈتكەندىن كېيىنكى چاقىلىق دەرياسى سۇ ئامبىرىغا 17 مىليون 760 مىڭ كۇب مېتىر سۇ سىغىدىغان بولۇپ، كەلكۈن سۈيىنى يىغىش، سانائەتنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك چىقىرىشنى بىر گەۋدە قىلغان. بۇ يىل 90 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يول، توك، خەۋەرلىشىش يولى قاتارلىقلار يۈرۈشلەشتۈرۈلىدۇ. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، چاقىلىق دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر