باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا توققۇز يىل ئاشتى

يىللىق ئاشلىق سېتىۋېلىش يېتەكچى پىلانىنىڭ %108.3ى ئورۇندالدى

2016.10.10 14:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا توققۇز يىل ئاشقان. 30 - سېنتەبىرگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرى (جۇڭگو زاپاس ئاشلىقنى باشقۇرۇش باش شىركىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىسكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جەمئىي 3 مىليون 249 مىڭ 200 توننا بۇغداي سېتىۋېلىپ، يىللىق ئاشلىق سېتىۋېلىش يېتەكچى پىلانىنىڭ %108.3ىنى ئورۇنداپ، بۇ يىللىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان. كېيىنكى باسقۇچتا يەنە 550 مىڭ توننا ئاشلىق سېتىۋېلىپ، يىللىق ئاشلىق سېتىۋېلىش مىقدارىنى 3 مىليون 800 مىڭ توننا ئەتراپىغا يەتكۈزۈش مۆلچەرلەنگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 19 مىليون 495 مىڭ 500 مو بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 724 مىڭ 500 مو ئاشقان؛ مۆلچەرلىنىشىچە، بۇغداي ھوسۇلى 7 مىليون 289 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 307 مىڭ توننا ئاشىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرى تەخمىنەن 3 مىليون 800 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋېلىپ، يەنە يېڭى رېكورت يارىتىدىكەن. ھەرقايسى دۆلەت ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ ئاشلىق سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇغدايغا قارىتا ئاشكارا سېتىۋېلىش، ئاشكارا بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش، سېتىۋېلىشنى رەت قىلماسلىق، سېتىۋېلىشقا چەك قويماسلىق، سېتىۋېلىشنى توختاتماسلىقتا چىڭ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلارنىڭ مالىيە تارماقلىرى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش ۋە ئاشلىق تېرىغان ئائىلىلەرگە تولۇقلىما بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئاشلىق ئىسكىلاتى(پونكىتى)دا ئاشلىق بىۋاسىتە تولۇقلىما مەبلىغىنى تەكشۈرۈپ نەق پۇل بېرىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، ئاشلىق ساتقان دېھقانلارنىڭ تولۇقلىمىنى ئاشلىق ساتقان ھامان ئېلىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغان.

  يەرلىكتىكى دۆلەت ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش ئىسكىلات سىغىمچانلىقى بوشلۇقى 920 مىڭ توننا ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئەھۋالغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ ۋاقىتلىق زاپاس ساقلىنىدىغان 400 مىڭ توننا بۇغدىيىنى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە ناھىيە ھالقىپ توپلاش پىلانىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلارنىڭ بۇغداي سېتىۋېلىپ زاپاس ساقلاش بېسىمىنى ۋاقتىدا يەڭگىللەتتى. دۆلەتنىڭ ۋاقىتلىق زاپاس بۇغداينى سېتىۋېلىشتا ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى پائال كېڭىشىپ ھەل قىلىپ، ھازىرقى ئىسكىلات سىغىمچانلىقىدىن زور دەرىجىدە ياخشى پايدىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر