باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە - ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، جۇ خەيلۇن يىغىنغا قاتناشتى

2016.10.10 14:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە - ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9 - ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە - ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 5 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى. ئۇ يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، خەلق تۇرمۇشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، جۇ خەيلۇن، خۇاڭ ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ - پىكىر، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش تەمىناتىنى تەڭشەش ياردەم مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يوليورۇق، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي مائاش ئۆلچىمى ۋە دەم ئېلىشقا چىققان خادىملارنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىش خىراجىتىنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان «ھۆكۈمەت، بانكا، كېپىللىك ئاپپاراتى» خەۋپ - خەتەر تولۇقلىما مەبلىغىنى باشقۇرۇش (ۋاقىتلىق يولغا قويۇش) چارىسى قاتارلىق ھۆججەتلەر قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تايانچ، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يىللىق تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ، «13 - بەش يىل»لىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېڭىلاپ، تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات ئاچقۇچىنى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ھەم ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈپەت ئۈنۈمى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ھاياتىي كۈچنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ماس تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسماننىڭ كۆك، يەرنىڭ يېشىل، سۇنىڭ سۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئوچۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى نورمال ھالەت ئىدىيەسىنى پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نورمال ھالەتنى ئىگىلەپ، يېڭى نورمال ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرو سىياسەت مۇقىم، كەسىپ سىياسىتى توغرا، مىكرو سىياسەت جانلىق، ئىسلاھات سىياسىتى ئەمەلىي، ئىجتىمائىي سىياسەت تاكامۇل بولۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي تەپەككۇرنى يولغا قويۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماي، قالدۇقسىزلاشتۇرۇپ، پىشاڭسىزلاشتۇرۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە سۈپەتلىك تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈمسىز تەمىنلەشنى ئازايتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە جانلىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى چىڭ ئىگىلەپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزلىشىپ، رايون ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق، باشلامچىلىق، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەش ۋە كۈچەش نۇقتىسى، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەركەز، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم پۇرسەت، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشنى مەقسەت قىلىپ، جۇڭگوچە ۋە شىنجاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. بىرىنچىدىن، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش. 1 - كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، چارۋىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش؛ 2 - كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى زورايتىپ، قۇدرەت تاپقۇزۇپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىنى تېزلىتىش؛ 3 - كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، سودا، ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا سودىسى، ساغلام مەدەنىيەت كەسپى ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تەرەققىياتنىڭ چىڭ مۇھىتىنى يارىتىش. ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، تاشيول، تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، ئالاقىچىلىك، شەھەر - بازار قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ پۇل مۇئامىلە بازىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە سۇبيېكتلىرىنى كۆپەيتىپ ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تەرەققىيات يۇمشاق مۇھىتى يارىتىش. مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئازايتىپ، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەستىقلاش ھالقىسىنى ئازايتىپ، تەستىقلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، باراۋەر، ئادىل بازار تەرتىپى ئورنىتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، پۇقراۋى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش. مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىنى بوشاشتۇرۇپ، قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، سىياسىي جەھەتتە خاتىرجەم، ئىدىيە جەھەتتە ئوچۇق، سىياسەت جەھەتتە كەڭرى، تەرەققىيات جەھەتتە دادىل، خىزمەت جەھەتتە يۈرەكلىك بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ كەڭ كۆلەمدە، تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئامالنىڭ بارىچە كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەممە ئائىلىنىڭ چىقىش يولى بولۇش، ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئالىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»، «بەش بىر تۈركۈم»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئاھالىنىڭ ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. داۋالاش ئىشلىرىدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بەش دەرىجىلىك داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىلەن قاپلاش دائىرىسىنى زورايتىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى قوغدىغانلىق بولۇپ، «ياپيېشىل تاغلار، سۈپسۈزۈك سۇلار بىباھا گۆھەردۇر» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش ئاخىرقى چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، «بۇلغىشى ئېغىر، سەرپىياتى يۇقىرى، تەننەرخى يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، ئېنېرگىيە، قىزىلما بايلىق مەنبەسىنى ئېچىشتا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش»نى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئاچقۇچ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئىقتىساد خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى؛ ھەر دەرىجىلىك مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇشقا باشلامچىلىق قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشى؛ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئىككى بەنزە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرى، زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇشى، يەنە بىرى، پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملىقنى قوغداشقا ئاتلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماس ھەمكارلىشىپ، ئۆز ئارا يار - يۆلەكتە بولۇشى؛ ئىقتىساد خىزمىتىنى ماس تەڭشەش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە دەل ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىپ، زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىپ، ماسلىشىپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىشى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تونۇش، تەدبىر، تەربىيەلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سېلىنما، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقى ئۈچۈن ياخشى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى يارىتىشى؛ «غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمى»سى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نىڭ تەلىپى بويىچە، ئادەتتىكى چىقىم ۋە «ئۈچ خىل» ھۆكۈمەت خىراجىتىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، چەكلىك مالىيە كۈچىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر