باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ چىباۋ ئەدەبىي ژورناللارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات بازىسىنى چىڭ ساقلاشنى تەكىتلىدى

2016.10.09 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ 8-ئۆكتەبىر يازغۇچىلار نەشرىيات گۇرۇھىغا بېرىپ ئەدەبىي ژورناللارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات غايىسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات بازىسىنى چىڭ ساقلاپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا ئېقىتادىنى چىڭىتىپ، يەڭگىلتەكلىك ئىدىيەسى ئالدىدا دەسلەپكى مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ئەدەبىي ژورناللارنى يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ياخشى چىقىرىپ، مول ئىدىيەۋى مەزمۇن ۋە سەنئەت قىممىتىگە ئىگە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەنىۋى يۇرتىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ليۇ چىباۋ «خەلق ئەدەبىياتى»، «شېئىرلار ژورنىلى»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» تەھرىر بۆلۈمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەدەبىي ژورناللارنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئەدەبىي ژورناللارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تەھرىرلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر