باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ 2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش خىزمىتى 10- دېكابىردىن بۇرۇن ئاياغلىشىدۇ

2016.10.10 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9- ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2017 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش خىزمىتى بۇ يىل 10- دېكابىردىن بۇرۇن ئاياغلىشىدىكەن، جايلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدىكەن ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىكەن.

  يېقىندا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە «بەلگىلىمە» دەپ ئاتىلىدۇ)غا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ 2017 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا بىر تۇتاش تىزىملىتىش «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (تور ئادرېسى: http://www.xjzk.gov.cn) »دا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  «بەلگىلىمە» دە شىنجاڭدىكى ئەمدى ۋە ئىلگىرىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن، ۋىلايەت، ئوبلاسىت، شەھەر ئاتلىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا ھەر خىل ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتى ئېنىق بەلگىلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەتتە خىل كىشىلەرنىڭ ئىمتىھان بېرىشكە بولمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن.

  « بەلگىلىمە» نىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى چۈشەنمەكچى بولغانلار «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»غا كىرىپ تەكشۈرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر