باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان پىروگراممىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئېلان قىلىندى

ھەر قايسى پەنلەرنىڭ بىلىم نۇقتىلىرى قىسقارتىلدى

2016.10.10 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەدەبىيات ئىمتىھانىدىكى ئوقۇش مىقدارى مۇۋاپىق كۆپەيتىلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىمتىھان مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان «2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان پىروگراممىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان پىروگراممىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن مەزمۇنلار ئېلان قىلىنغان. 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ھەر قايسى پەنلەرنىڭ بىلىم نۇقتىلىرى قىسقارتىلغان. ئەدەبىيات ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇش مىقدارى كۆپەيتىلىپ، قەدىمكى مەدەنىيەت ساۋاتلىرى قوشۇلغان، خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىغا كونا خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى، ئەنئەنىۋى بايرام، مىللىي ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلغان.

  بۇ قېتىملىق پىروگراممىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا تاللاپ بېرىدىغان بۆلەك «گېئومېتىرىيەلىك ئىسپاتلاش» قىسقارتىلىپ، ماتېماتىكا مەدەنىيەت مەزمۇنى كۆپەيتىلگەن. فىزىكا ئىمتىھانىدا دەرس ئۆلچىمىنى تۈزۈش يۆنىلىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۈچتىن بەشكىچە بۆلەك ئىمتىھان ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. ھۆججەتكە ئاساسەن، ئەدەبىياتتىن باشقا پەنلەر ئىمتىھان مەزمۇنىنى تەڭشەپ، تاللاپ بېرىدىغان ئىمتىھان بۆلىكىنى مۇۋاپىق بېكىتكەن. مەسىلەن، ماتېماتىكىدا تاللاپ بېرىدىغان بۆلەك «گېئومېتىرىيەلىك ئىسپاتلاش»نى قىسقارتىلىپ، فىزىكىدا ئۈچتىن بەشكىچە بۆلەك ئىمتىھان ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، دەرس ئۆلچىمىنى تۈزۈش يۆنىلىشىگە ماس كەلگەن. تارىخ ئىمتىھانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئىمتىھان پىروگراممىسىدا تاللاپ بېرىدىغان بۆلەك «يېقىنقى زاماندىكى جەمئىيەتكە بولغان دېموكراتىيە ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيەت»، «تارىخىي سىر ئۈستىدە ئىزدىنىش»، «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى توپلىمى» قىسقارتىلغان. ئىدىيە-سىياسەت ئىمتىھانىدا «ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋە يېشىش»، «بىلىمدىن پايدىلىنىش»، «شەيئىلەرنى بايان قىلىش ۋە شەرھلەش» ۋە «مەسىلىلەرنى دەلىللەش ۋە تەتقىق قىلىش»تىن ئىبارەت تۆت ئىقتىدارنى باھالاش نىشانىنىڭ ئانالىتىك مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمتىھان سوئالى مىسالىنى قوشۇپ چۈشەندۈرۈپ، ئەخلاقىي تەربىيە ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكچىلىك رولى تەكىتلەنگەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر