باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: ئاش تۇزى باھاسى 2017-يىلدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەيدۇ

تەمىناتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ

2016.10.10 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇزچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاش تۇزىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش، توپ سېتىش ۋە پارچە سېتىش باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 9-ئۆكتەبىر جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاش تۇزى باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئائىت مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، ئالاقىدار مەسئۇل كىشى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئاش تۇزى بازىرى ۋە باھاسىنىڭ ئاسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  قىسمەن كىشىلەرنىڭ ئاش تۇزى باھاسىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ئۆرلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىسىگە قارىتا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تۇزچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تۇز بازىرىنىڭ تەمىناتى تولۇق كاپالەتلىنىپ، ئادەتتىكى ئاش تۇزىنىڭ باھاسىدا پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ تۇز بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، كۆپ يىلدىن بۇيان تۇزچىلىق كەسپىدە تۇزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى سېتىلىشىدىن كۆپ بولدى. 2015-يىلى ئېلىمىز 113 مىليون 450 مىڭ توننا يىرىك تۇز ئىشلەپچىقىرىپ، ئىستېمال مىقدارى 88 مىليون 760 مىڭ توننا بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاش تۇزىنىڭ ئىستېمال مىقدارى 10 مىليون توننا ئەتراپىدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېلىمىز ئاش تۇزى بازىرىنىڭ تەمىنات سۇبيېكتى بىر قەدەر كۆپ، تىزىملاپ رويخەتكە ئالدۇرغان تۇزچىلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن 300 ئەتراپىدا، تۇزچىلىق ئوبوروت كارخانىسىدىن 4000دىن ئارتۇقى بار.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر