خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8 - ئۆكتەبىر، شىنجاڭ چۆچەك شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەر - چۆچەك» ماي بوياق رەسىم خەلقئارالىق سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستاندىن ئېلىپ كېلىنگەن 120 نەچچە پارچە ماي بوياق ئەسىرى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سەنئەتكارلار ئىچىدە، كۆپىنچىسى مەملىكەت بويىچە ماي بوياق رەسىم ساھەسىدىكى نامى بار داڭلىق ماي بوياق رەسساملىرى، رۇسىيە سانكت پېتېربۇرگ رېپىن گۈزەل سەنئەت ئىنسىتىتۇتىدىن كەلگەن ۋە قازاقىستاندىكى مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ماي بوياق رەسساملىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە تايانچ كۈچ ھېسابلىنىدىغان ماي بوياق رەسساملىرى ۋە ھەر نۆۋەتلىك گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى جەريانىدا ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ يېتىشىپ چىققان مۇنەۋۋەر رەسساملار بار.
بۇ قېتىمقى ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى 8- ئۆكتەبىردىن 22- ئۆكتەبىرگىچە چۆچەك شەھىرىدە، 1- نويابىردىن 7- نويابىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى