باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلدى

2016.10.11 14:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە ئېچىلغان ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ياشلارنى 2 - قارارلىق ئىگىلىك تىكلەش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى يېقىندا ئىلى تېخنىك ئىشچىلار ئىنستىتۇتىدا باشلاندى. ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە (شەھەر)لەردىن كەلگەن 178 ياش تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى.

  ئۇقۇشىمچە، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىن ھەر يىلى 5000 غا يېقىن ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتىدىكەن. ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ياشلارنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالغان.

  ئوبلاستلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى دۇ پىڭ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئىگىلىك تىكلەشتە دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئورۇن ۋە مەبلەغ مەسىلىسى. بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن، ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بۇ يىل 4 - ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەسلىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش بازىسى قىلىپ، ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلارنى ھەقسىز ئورۇن بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر 11 كارخانا بۇ يەردىن ئورۇن تۇتۇپ، 100 دىن ئارتۇق ياشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىدا، ھازىر تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان «ئالاقە تورى» ئەندىزىسى، ئەشيا ئوبوروتى، بازار تىجارىتى ۋە سېتىش، ئىگىلىك تىكلەش، باشقۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە دەرس ئۆتۈلىدۇ. ئىككىنچى قاراردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ياشلار ئىلى تېخنىك ئىشچىلار ئىنستىتۇتىدا 45 كۈن تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، 10 - ئاينىڭ ئاخىرى بىرىنچى قاراردا تەربىيەلەنگەن 51 كۇرسانت بىلەن بىللە نەنجىڭغا بېرىپ، يېرىم ئاي ئەمەلىي پىراكتىكا، تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. ئىگىلىشىمچە، كۇرسانتلار ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، 100 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر