باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى جەمئىيەتتىن 12 خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.10.11 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 12 خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ، تىزىملاش ۋاقتى 14 - ئۆكتەبىرگىچە بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىش ئورنى جەدۋىلىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا، تۆت نەپەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ، سەككىز نەپەر سەنئەت تۇرىدىكى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، مىللىتى، جىنسى چەكلەنمەيدىكەن. تەكلىپ قىلىنغۇچىلارنىڭ يېشى پىرىنسىپ جەھەتتە 35 ياشتىن تۆۋەن (1981-يىلى 10- ئاينىڭ 8-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان)، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېشى پىرىنسىپ جەھەتتە 30 ياشتىن تۆۋەن (1986-يىلى 10- ئاينىڭ 8-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان) بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى (خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) نىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئايرىم - ئايرىم MHK
3-دەرىجە B سەۋىيە، 3 - دەرىجە A سەۋىيە، 4- دەرىجە A سەۋىيە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك ئىكەن.

  بۇ قېتىمقى تىزىمغا ئالدۇرۇشتا نەق مەيداندا تىزىمغا ئالدۇرۇش شەكلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، تىزىملىتىش ۋاقتى بۈگۈندىن باشلاپ 14- ئۆكتەبىرگىچە بولىدىكەن، تىزىملىتىش ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 734- نومۇر، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى تەشكىلات (كادىرلار) بۆلۈمى.

  ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئارزۇسى بارلار ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (www.xjrs.gov.cn)، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى تورى (http://www.xjart.edu.cn)غا چىقىپ قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر