باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئاساسلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىرىلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈردى

2016.10.10 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 8-ئۆكتەبىر تور سودىسىدىكى تاۋار سۈپىتىنى مەخسۇس ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە 497 تۈركۈم ئەۋرىشكە ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈلگەن، تەكشۈرۈشتە 172 تۈركۈم تاۋارنىڭ سۈپىتىنىڭ لاياقەتسىز ئىكەنلىكى بايقالغان، لاياقەتسىز تاۋارلارنىڭ تەكشۈرۈلۈش نىسبىتى %34.6 بولغان.

  سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تاۋباۋ، تيەنماۋ، يىشۈن تورى، جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى، سۇنىڭ يىگۇ، 1-نومۇرلۇق دۇكان، گومېي لىنىيەسى، ۋېيپىنخۇي، داڭداڭ تورى، ئامازون جۇڭگو قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدا سېتىلغان تاۋارلاردىن جەمئىي 503 تۈركۈم تاۋارنى ئارىلاپ تەكشۈرگەن.

  503 تۈركۈم تاۋار ئىچىدە، تۆت تۈركۈمدىكى تاۋار ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت گۇۋاھنامىسى، ئىشلەپچىقىرىلغان ئورۇننىڭ نامى يوق مەھسۇلات ئىكەن، ئىككى تۈركۈمدىكى تاۋارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ساختا تاۋار دەپ بېكىتكەن، 497 تۈركۈم ئەۋرىشكە ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈلگەن. تەكشۈرۈلگەن 172 تۈركۈمدىكى سۈپىتى لاياقەتسىز تاۋار ئىچىدە، ئىچكى سۈپىتى لاياقەتسىزلىرى تەخمىنەن %93 ىنى، بەلگىسى ۋە چۈشەندۈرۈلۈشى لاياقەتسىزلىرى تەخمىنەن %7 نى ئىگىلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر