باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى 1 مىليارد 298 مىليون يۈەن چىقىرىپ، نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىگە ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى

2016.10.11 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ ھۆججەت چۈشۈرۈپ، 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەركەز مالىيەسى يېقىندا 2016-يىللىق نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۈچۈن 1 مىليون 298 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، مېيىپ ھەربىي(مېيىپ خەلق ساقچىسى، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى مېيىپ خىزمەتچىلەر، مېيىپ خەلق ئىشچىسى، مېيىپ دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، «ئۈچ خىل ئائىلە تاۋابىئاتلىرى»( ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتى، خىزمەت ئۈستىدە ۋاپات بولغان ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى , كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى)، «ئۈچ قىزىل» (يېزىلاردىكى ھەربىي سەپتىن قايتقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر، يېزىلاردىكى پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرى، قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپ تارقىلىپ كەتكەن ئەسكەرلەر)، يېزىلاردىكى ھەربىي سەپتىن قايتقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر، كېسەل سەۋەبىدىن يۇرتىغا قايتىپ ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر، جەڭگە قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر(ئۇران قېزىش ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يېزىلاردىكى پېشقەدەم ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر ۋە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى(يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن پارتىيەگە كىرگەن يېزىلاردىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېنسىيەگە چىقىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولمىغان شەھەر بازارلاردىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى)نىڭ نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلەتتى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر