خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئاۋمېندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خۇخۇا بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتقاندىن كېيىن، «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» ئاۋمېندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاۋمېننىڭ ئېلىمىزنىڭ پورتۇگال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىدىكى سۇپىلىق ۋە تايانچلىق رولى بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇلار، ئاۋمېن ئالاھىدە رايونىنىڭ باش مەمۇرلۇقىنى ئۈستىڭىزگە ئالغان مەزگىلدە ئىجادىي ۋە ئاساسىي خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگىنىڭىزدىن ئايرىلالمايدۇ. ئالاھىدە رايوننىڭ باش مەمۇرى ۋە ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى داۋاملىق قوللاپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋمېن ئالاھىدە رايونىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىشىڭىزنى، «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» ئىشلىرىنىڭ ئاۋمېندا ئىزچىل پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى