باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا گرېتسىيەگە 2 مىليارد 800 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىش قۇۋۋەتلەندى

2016.10.12 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋرو رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 10- ئۆكتەبىر بىريۇسسېلدا ئىچىلدى، يىغىندا گرېتسىيەگە 2 مىليارد 800 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىش قۇۋۋەتلەندى.

  ياۋرو رايونى گۇرۇھىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: گىرېتسىيە ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى، ئېنېرگىيە، بانكا ۋە يەككىلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئىسلاھاتنى يولغا قويدى. گىرېتسىيە يولغا قويغان ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى بۇ قېتىمقى ياردەم پۇلىنى بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ياردەم ئىككى تۈركۈمگە بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدىكى 1 مىليارد 100 مىليون ياۋرو ۋە 2- تۈركۈمدىكى 1 مىليارد 700 مىليون ياۋرو مۇشۇ ئايدا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ تارقىتىلىدۇ. ياۋرو گۇرۇھى باياناتىدا مۇنداق دېدى: 2 - تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىلىدىغان ياۋرو مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى تارقىتىلىدۇ، بۇ ئاساسلىقى سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ۋە قاراپ چىقىش جەھەتتىكى تېخنىكا سەۋەبىدىن بولدى، بۇ سىياسىي قارارغا كىرمەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر