باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2016.10.13 14:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 10-،11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئارقىلىق، دۆلەت كارخانىلىرىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايىنىش كۈچىگە، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي ئىزچىل ئىجرا قىلىدىغان مۇھىم كۈچكە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچكە، "سىرتقا يۈزلەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى"، "بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى" قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم كۈچكە، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم كۈچكە، پارتىيەمىزنىڭ نۇرغۇن يېڭى تارىخى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغۋار كۆرۈشتە غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. دۆلەت مۈلۈكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاشقا، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، دۆلەت ئىلىكىدىكى كاپىتالنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىلىكىدىكى مۈلۈكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلارنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن كۈچەيتىپ سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۈسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن خۇلاسە سۆزى قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت كارخانىلىرى- جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تۈۋرۈكى ۋە تايانچ كۈچى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش- دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ يىلتىزى ۋە روھى، ئېلىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى.

  يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئومۇمىي تەلەپ- پارتىيە پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاجىزلاش، سۇسلىشىش، مەۋھۇملىشىش، چەتلىشىش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كارخانا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى ۋە سىياسىي يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ مۇلازىمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ چەتنىمەسلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كارخانا ئىسلاھاتى تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىق كۈچىنى تەكشۈرۈش؛ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشكە بولغان رەھبەرلىكى ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىشنى بوشاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش- زور سىياسىي پىرىنسىپ، چوقۇم باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش- دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى، چوقۇم باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى شىركەتلەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شىركەتنىڭ قانۇنىي ئىگىسىنى تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلمىسىدىكى قانۇندا بېكىتىلگەن ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىكى رەھبەرلىك يادروسى ۋە سىياسىي يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاش، يەنى يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئومۇملۇقىنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن باشقا ئىدارە قىلىش ئاساسى گەۋدىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر قايسىلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ماسلاشتۇرىدىغان، ئۈنۈملۈك تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان شىركەتنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە خەلقنىڭ دۆلەت مۈلۈكىنى كارخانا رەھبەرلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىشى ئەڭ چوڭ ئىشەنگەنلىكتۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش- پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەلەپتە چىڭ تۇرۇشتۇر.

  ليۇ يۈنشەن سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش يۈكسەكلىكىدە تۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى. ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر