باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كوماندىسى ئاتلو ئۇچار يىلپىز كوماندىسىىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلدى

2016.10.12 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋاسكىتبول كۇلۇبى چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى 10- ئۆكتەبىر ئۈچىنچى مۇسابىقە كۈنىگە قەدەم قويدى، جۇڭگوغا ۋەكىل بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقان شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوماندىسى قازاقىستان ئاتلو ئۇچار يىلپىز كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلدى.

  مۇسابىقە 10- ئۆكتەبىر كەچتە خۇنەننىڭ چېنجۇ شەھەرلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى كوماندا 9- ئاينىڭ 25 - كۈنى تەييارلىق مۇسابىقىدە كۈچ سىناشقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىكى جۇ يى، بلېيد مۇسابىقىگە قاتناشمىغان ئەھۋالدا، 105:68 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى.

  شىنجاڭ كوماندىسى 11- ئۆكتەبىر ئارام ئېلىپ، 12- ئۆكتەبىر كىچىك گۇرۇپپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى رەقىبى بولغان مالايسىيا مېڭلوڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر