- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: بىر جۇڭگو پرىنسىپىسى تەيۋەننىڭ چەتئەللەر بىلەن ئالاقە قىلىشى ۋە خەلقئارا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىزدىكى ئۆزگەرمەس مەيدانىمىز
2016.10.12 14:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 11- ئۆكتەبىر تەكىتلەش سۆزىنى بايان قىلىپ، بىر جۇڭگو پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرۇش، «ئىككى جۇڭگو» ۋە «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن» تەرغىباتىغا قارشى تۇرۇش تەيۋەننىڭ سىرتقا قارىتا بېرىش- كېلىش ۋە خەلقئارا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىزدىكى ئۆزگەرمەس مەيدانىمىزدۇر، دېدى.
شۇ كۈنى ئادەتتىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر: تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى «10- ئۆكتەبىر» سۆزىدە تەيۋەننىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى، بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز، دەپ سورىدى.
گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە تەيۋەن بىر جۇڭگوغا تەۋە، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ، بۇ خەلقئارانىڭ ئورتاق قارىشىدۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر