باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى نوپۇسى يوق 100 مىليون كىشىنى شەھەردە نوپۇسقا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى ئېلان قىلدى

2016.10.12 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «نوپۇسى يوق 100 مىليون كىشىنى شەھەردە نوپۇسقا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شەھەر-بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بار يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ ئائىلىسى بويىچە شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاھالىلەرگە نەپ يەتكۈزۈشىنىڭ ئىچكى تەلىپى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باش ۋەزىپىسى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم تەدبىرى.

  «لايىھە»دە نوپۇسى يوق 100 مىليون كىشىنى شەھەردە نوپۇسقا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «13- بەش يىل» مەزگىلىدە، شەھەر-يېزا ئارىسىدىكى نوپۇس كۆچۈرۈش توسۇقىنى تېز بۇزۇپ تاشلاپ، يۈرۈشلەشكەن سىياسەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتىنى بىر پىرسەنت پوئىنتتىن يۇقىرى ئاشۇرۇپ، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەش. 2020- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش نىسبىتىنى %45كە يەتكۈزۈپ، ھەر قايسى رايونلار نوپۇسىنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى بىلەن دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنى شەھەرلەشتۈرۈش نىسبىتى پەرقىنى 2013- يىلدىكىدىن ئىككى پىرسەنت پوئىنتتىن ئارتۇق ئازايتىشتىن ئىبارەت.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر