خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زوڭتوڭى ئەردوغان ۋە زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە زوڭتوڭى پۇتىن 10- ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا تەبئىي گاز تۇرۇببا يولى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى يەنە سۇرىيە مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى.
تۈركىيە- رۇسىيە رەھبەرلىرى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن يۇقارقى كېلىشىمنى ئىمزالىدى. ئەردوغان ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا، تۈركىيە- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىش مۇساپىسىنىڭ داۋاملىشىشىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىن، رۇسىيە تەرەپنىڭ تەبئىي گاز باھاسى تەرەپتە تۈركىيەگە ئېتىبار بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ مېۋىلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ، رۇسىيە-تۈركىيە ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ھەمكارلىق، سودا، ساياھەت ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىش مۇساپىسى تېزلىتىلىدۇ، دېدى.
سۇرىيە مەسىلىسىدە ئەردوغان، تۈركىيە- رۇسىيە رەھبەرلىرى سۇرىيەگە ياردەم بېرىشتىكى يېڭى ئىستراتېگىيە تۈزۈشكە، بولۇپمۇ ئۇرۇش ھالىتىدىكى سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەپ شەھىرىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشكە بىردەك قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان ئۆزىنىڭ پۇتىنغا تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، تۈركىيە- رۇسىيە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئېھتىماللىقىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى