باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سامسۇڭ ئېلېكترونى Note7 يانفونىنى سېتىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى

سامسۇڭنىڭ پاي چېكى باھاسى زور دەرىجىدە چۈشتى

2016.10.12 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە سامسۇڭ ئېلېكترون شىركىتى 11- ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، سامان يولى Note7 يانفونلىرىنى سېتىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  سامسۇڭ ئېلېكترون شىركىتى گەرچە يېقىندا خەۋەر قىلىنغان Note7 يېڭىلانغان يانفونلىرىغا ئوت كېتىش ۋەقەلىرىنى تەكشۈرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، كورېيە دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئۆلچىمى مەھكىمىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن، يۇقىرىقى قارارنى چىقارغانلىقىنى ئېيتتى. سامسۇڭ ئېلېكترونى يەنە Note7 يانفونىنى قايتۇرۇش قاتارلىق كېيىنكى چارىلەرنى تېزدىن ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كورېيە دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئۆلچىمى مەھكىمىسىمۇ 11- ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، Note7 يانفونىدا يېڭى كەمتۈكلۈك بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، Note7نى ئىشلىتىش، يېڭىلاش ۋە سېتىشنى توختىتىش تەكلىپىنى بەردى. بىراق مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، سامسۇڭ ئېلېكترونى ئېلان قىلغان كورېيە تىلى نۇسخىسىدىكى ئۇقتۇرۇشتا ئىستېمالچىلارغا Note7 يانفونىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش تەكلىپى بەرگەنلىكى ئېيتىلمىدى.

  بۇ ئۇچۇرنىڭ تەسىرىدە، سامسۇڭ ئېلېكترون شىركىتىنىڭ پاي چېكى باھاسى 11- ئۆكتەبىر بازار باشلىنىپلا %4.76 چۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر