باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەلى چىقىمدانى بۈگۈندىن باشلاپ پۇل ئېلىشتىن ھەق ئالىدۇ

20 مىڭ يۈەن نورمىدىن ئارتۇق پۇل ئالغانلاردىن %0.1 مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدۇ

2016.10.12 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەلى چىقىمدانى 12-سېنتەبىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 12-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، شەخسىي ئابۇنىتلارنىڭ ھەقسىز پۇل ئېلىش نورمىسىنىڭ ئاشقان قىسمىدىن %0.1 مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدۇ، شەخسىي ئابۇنىتلارنىڭ ھەر بىرەيلەننىڭ جەمئىي 20 مىڭ يۈەن ھەقسىز پۇل ئېلىش نورمىسى بولىدۇ. ئابۇنىتلار ئاساسىي ھەقسىز نورمىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، «چۈمۈلە» جەملىمە نومۇر بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەقسىز پۇل ئېلىش نورمىسىغا نەقلەشتۈرسە بولىدۇ. قالدۇقداندىن پۇل يۆتكىسە ھەق ئېلىنمايدۇ.

  20 مىڭ يۈەن ھەقسىز پۇل ئېلىش نورمىسىنى ئىشلىتىش تاكتىكىسى تورداشلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتىئەلى چىقىمدانىنىڭ پۇل ئېلىش بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىشتەك ئىش تۇنجى قېتىملىق ئەمەس، ئۈندىدار بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپلا ئابۇنىتلارنىڭ پۇل ئېلىشىدىن %0.1 رەسمىيەت ھەققى ئېلىشنى باشلىدى، ھەر بىر ئابۇنتنىڭ جەمئىي بەھرىلىنىدىغان ھەقسىز پۇل ئېلىش نورمىسى 1000 يۈەن بولدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەلى چىقىمدانىدا پۇل ئېلىش پەقەت پۇلنى ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەش بىلەن باشقىلارنىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەشكە چېتىلىدىكەن. بەلگىلىمە تەڭشەلگەندىن كېيىن، يەككە مۇلازىمەت ھەققى 0.1 يۈەنگە توشمايدىغانلىرىدىن 0.1 يۈەن ئېلىنىدىكەن. ئوخشىمايدىغىنى، ئەلى چىقىمدانىدا شەخسىي ئابونتلارنىڭ ئاساسىي ھەقسىز پۇل ئېلىش نورمىسى 20 مىڭ يۈەنكەن. سودا ئابونتلىرى، مەسىلەن، «تاۋباۋ»، «تيەنماۋ» قاتارلىق ۋە ئەلى چىقىمدانى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان سودىگەرلەردىن پۇل ئېلىش ھەققى ئېلىنمايدىكەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر