باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېكىس نۇرلۇق بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىش قانۇنغا خىلاپ

مۇھىت قوغداش مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2016.10.13 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا يولۇچىلارنىڭ سىچۇەن چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئايرودروم ۋە پويىز ئىستانسىسىلىرىدا ئىشلىتىلگەن «ئادەم بەدىنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى»دا رادىئاتسىيە بىخەتەرلىكىگە ئائىت مەسىلە مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىنكاسى جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى. مۇھىت قوغداش مىنىستىرلىقى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى سىچۇەن ئۆلكىلىك مۇھىت قوغداش نازارىتىگە «ئېكىس نۇرلۇق ئادەم بەدىنى بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچتىكى رادىئاتسىيە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدىكى جاۋاب خەت» نامىدىكى جىددىي ھۆججەتنى چۈشۈردى، ھەمدە 12- كۈنى ئورگان تورىدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى. مەزكۇر ھۆججەتتە سىچۇەن ئۆلكىلىك مۇھىت قوغداش نازارىتىنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەستىقتىن ئۆتمىگەن ئېكس نۇرلۇق ئادەم بەدىنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ۋە ئىشلەتكەن ئورۇنلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  مۇھىت قوغداش مىنىستىرلىقى چۈشۈرگەن «ئېكىس نۇرلۇق ئادەم بەدىنى بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچتىكى رادىئاتسىيە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدىكى جاۋاب خەت»نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سىچۇەن ئۆلكىلىك مۇھىت قوغداش نازارىتى 12- ئۆكتەبىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چېڭدۇ شۇاڭليۇ خەلقئارا ئايرودرومى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېكس نۇرلۇق ئادەم بەدىنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىشى مۇھىت قوغداش قانۇنىغا خىلاپ بولغانلىقتىن، بۇ ئەسلىھەلەرنى دەرھال چۇۋۇپ ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇغانلىقىنى، چېڭدۇ شەھەرلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ بۇ قىلمىشلارنى تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر