باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك

2016.10.12 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىلىمات ئۆزگىرىشى پۈتكۈل يار شارىغا شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش مۇھىتىغا تەھدىت يەتكۈزۈۋاتقان ئاپەت بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى، يېقىندا پارىژ كېلىشىمى ئۆزىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشدىكى ئىككى ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتنى تولۇق ھازىرلىدى. خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇنىڭغا ئىجابىي باھا بەردى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 5- ئۆكتەبىر، كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىدىكى ئىككى ئۆتكەلدىن ئۆتكەنلىكىنى، 11-ئاينىڭ 4-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئىجابىي باھا بەردى، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىردەك كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك دەپ ھېسابلىدى.

  فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 6- ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت 5- ئۆكتەبىر پارىژ كېلىشىمىنى ماقۇللىغانلىق ھۆججىتىنى رەسمىي تاپشۇردى، پارىژ كېلىشىمى پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى ئاخىرلىشىپ بىر يىل بولمىغان ۋاقىتتا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە چېتىلىدىغان بۇ خەلقئارالىق كېلىشىمنىڭ يەر شارى دائىرىسىدە تەستىقلىنىش سۈرئىتى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، فىرانسىيە پارىژ كېلىشىمىنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ.

  پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ رەئىسى، فىرانسىيەنىڭ ئېكولوگىيە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى رويار مۇنداق دېدى: پارىژ كېلىشىمىنىڭ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشى تارىخى خاراكتېرلىك بىر ۋاقىت بولۇپ، خەلقئارالىق كېلىشىملەر ئەزەلدىن پۈتكۈل يەر شارى دائىرىسىدە بۇنداق تىز سۈرئەتتە تەستىقلىنىپ باقمىغان، فىرانسىيە كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ ۋە پەخىرلىنىدۇ.

  رويار مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسى گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، بىراق ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش تېزلىمەكتە. ئۇ يەنە پارىژ كېلىشىمىنى ئىمزالىمىغان دۆلەتلەرنىڭ تىزدىن ھەرىكەت قوللىنىپ كېلىشىمنى تەستىقلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەمدە جەمئىيەتتىكى ئاممىۋى كوللېكتىپ، كارخانا ۋە شەھەرلەرنى كېلىشىمنى يولغا قويۇشقا قاتنىشىشقا چاقىردى.

  بىرازىلىيەدە چىقىدىغان يەر شارى گېزىتى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىنىڭ يېقىندا كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى. بۇ گېزىتنىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: پارىژ كېلىشىمى تارىخ تەرىپىدىن ۋە كەلگۈسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ قورقۇنچلۇق ئاقىۋىتىنى توسىدىغان كېلىشىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇھىت جەھەتتىلا ئەمەس ، بەلكى تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

  بىرازىلىيە جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى رونى لىسى مۇنداق دېدى: پارىژ كېلىشىمىنىڭ يېقىندا كۈچكە ئىگە بولۇشى بىرازىلىيە بىلەن پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم، بىرازىلىيە كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىغا باشتىن ئاخىرى پائال تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەتلەر ئارا كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدىكى بارلىق سۆھبەتلەرگە قاتناشتى. بۇ كېلىشىمنىڭ ئەڭ ئاخىرى مۇددەتتىن بۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇشى بىرازىلىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

  ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكىرجى 6- ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەھدىتى راست، ھىندىستان كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەھدىتى ئالدىدا ئاجىز، پارىژ كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە زەربە بېرىشتىكى ئاساسلىق تۈرتكىلىك كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كەلگۈسىدىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستان مول تېرىلمە ئېنېرگىيە بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىشى ھەمدە بايلىقنى ئىسراپ قىلماسلىقى كېرەك.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئەيرىك سۇرخەم يېقىندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ پارىژ كېلىشىمىگە تۈرتكە بولۇش جەريانىدا ئوينىغان ئىجابىي رولىغا ۋە پۈتكۈل يەر شارىنى تۈزەشتە ئوينىغان رەھبەرلىك رولىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 9-ئايدا، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادى گەۋدە بولغان جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا پارىژ كېلىشىمىنى تەستىقلاپ، كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ۋە يولغا قويۇلۇشىغا ئىنتايىن زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى.

  ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى، يېشىل تېخنىكىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىپ، يېشىل ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەينەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۇستىدىكى ئىزدىنىشى، نەتىجىسى ۋە تەجرىبىسى باشقا دۆلەتلەرنى يېڭى باشلىنىش بىلەن تەمىنلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر