- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كەسپىي يىللىق پۇل فوندىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى ئېلان قىلىندى
2016.10.13 14:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «كەسپىي يىللىق پۇل فوندىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلدى ۋە ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويدى. « كەسپىي يىللىق پۇل فوندىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» 2015-يىللىق «گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» قاتارلىقلارغا ئاساسەن تۈزۈلگەن.
«گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»دا مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: ئورگان كەسپىي ئورۇنلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئاساسىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە كەسپىي يىللىق فوندى تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئىش ئورنى ئۆز ئورنىنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %8 بويىچە پۇل تاپشۇرىدۇ، شەخس ئۆزىنىڭ ھەق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مائاشىنىڭ %4 بويىچە تاپشۇرىدۇ. خىزمەتچىلەر پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئايدا كەسپىي يىللىق فوندى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر