باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى ئافرىقىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.10.12 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جىيى 10- ئۆكتەبىر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە،ئالدىن بىلەن ئافرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈش ۋە ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئورگىنىدا شۇ كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئافرىقا ھەپتىلىكىنىڭ ئىچىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ئافرىقىنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، ياخشى سىياسىتى، تىنچ ۋە مۇقىم بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش بۇ يىللىق ئافرىقا ھەپتىلىكىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولدى.

  ليۇ جىيى ئىچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بىلەن ئافرىقىنىڭ 2063- يىللىق قارالمىسىنى يېتەكچى قىلىپ، نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىقنى تۈگىتىش نىشانىنى باش ۋەزىپە قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ھەمكارلىقى بىلەن رايونلارنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىتىنىڭ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش پىرىنسىپىدە، ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىشنى قوللاش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر